«ئەينەك» بولسا خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىز»
ياكى «خۇاۋېي» دېيىلىدۇ) سىزنى ئەينەككە قاراش، تېرە تەكشۈرۈش، تېرە ئاسراش تەۋسىيەسى قاتارلىق
مەزمۇن ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپتۇر. خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزنى
قوغداشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، قانۇن تەلىپى ۋە كەسىپنىڭ پىشقان بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە
ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرىڭىز ئۈچۈن ماس بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى تەمىنلەيمىز.
1. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز
ئەينەككە قاراش
ئەينەكنىڭ ئەينەككە قاراش ئىقتىدارىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار كامېرا ئارقىلىق تەقلىدىي
ئەينەكنىڭ ئالدى تەرەپتىن ئالغان كۆرۈنۈشىنى ئالدىن كۆرەلەيدۇ، ئەينەكنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئەمەلگە
ئاشۇرالايدۇ. ئەينەككە قارىغاندا ساقلانغان رەسىم ئۇچۇرى بۇلۇتقا يۈكلەنمەيدۇ، پەقەت ئۈسكۈنىڭىزنىڭ
ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ.
تېرە تەكشۈرۈش
ئەينەكنىڭ تېرە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار يانفون ئارقىلىق يۈزنى
سۈرەتكە تارتىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تېرە ھالىتىنىڭ مىقدارلىق باھالاش نەتىجىسىگە ئېرىشىدۇ
ھەمدە نىشانلىق پەرۋىش قىلىش تەكلىپلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تېرە تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەلۇماتلىرى
بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇلار ئۇنىۋېرسال، تەر تۆشۈكچىسى، قارا چېكىت، ئىنچىكە سىزىق، پېگمېنت، قىزىل
رايون، قورۇق، كۆز ئەتراپى قارىداش، دانىخورەك، كۆز خالتىسى پەيدا بولۇش، تېرە رەڭگى، تېرە يېشىنىڭ
مىقدار نومۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۈز رەسىمىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن كامېرا ئىجازىتىنى
يۆتكەپ ئىشلىتىمىز. ئەمما رەسىمىڭىز ۋە تېرە تەكشۈرۈش خاتىرىڭىز بۇلۇتقا يۈكلەنمەيدۇ، پەقەت
ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئۆزىدىلا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ.
بايقاش
ئەينەكنىڭ بايقاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيسىز. بۇ ئىقتىدار تېرە ئاسراش، گىرىم ۋە مودا تۈرىدىكى سىن
مەزمۇنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سىننى غەملەش ۋە قويۇش ئۈچۈن بوشلۇق ئىجازىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ مۇلازىمەت
ئىختىيارى پەرقلىگۈچ ھاسىل قىلىپ، پەقەت سىندىكى مەلۇماتلارنى نامسىزلاشتۇرۇپ تەلەپ قىلىش ئۈچۈن
ئىشلىتىدۇ، مەزكۇر پەرقلىگۈچ 30 كۈندىن كېيىن قايتىدىن يېڭىلىنىدۇ، بىز چېكىش ھەرىكىتىڭىز ۋە كۆرۈش
خاتىرىڭىزنى ساقلىمايمىز ۋە توپلىمايمىز.
مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش
مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىشلىتىش تەسىراتىڭىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئەپنى
ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىزنى توپلايمىز، بۇلار مەھسۇلات لايىھەمىزنى ياخشىلاپ سىزگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىش
ئۈچۈندۇر. بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلار سىزنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ ياكى ھەرقانداق شەخسىي ئۇچۇرىڭىز بىلەن
باغلانمايدۇ.
2. ئۈسكۈنە ئىجازىتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش
بوشلۇق
ئىجازىتى: بۇ ئەپنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، ئەينەككە قارىغاندىكى رەسىم ئۇچۇرىڭىزنى ساقلىشىمىزغا قولاي
بولۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىجازەتنى ئېچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. رەسىم ئۇچۇرىڭىز مۇلازىمىتېرغا يۈكلەنمەيدۇ،
پەقەت ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى مۇلازىمەت لازىم بولمىسا،
بۇ ئىجازەتنى خالىغاندا ئەتسىڭىز بولىدۇ.
كامېرا ئىجازىتى: بۇ ئەپنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، كامېرا ئارقىلىق تەقلىدىي ئەينەكنىڭ
ئالدى تەرەپتىن ئالغان كۆرۈنۈشىنى ئالدىن كۆرۈش ئۈچۈن، بۇ ئىجازەتنى ئېچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۈزنى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن، تېرە تەكشۈرۈش مەزكۇر ئىجازەتنى قوزغىتىشى كېرەك.
بۇ تۈردىكى مۇلازىمەت لازىم بولمىسا، بۇ ئىجازەتنى خالىغاندا ئەتسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئەينەككە قاراش
ۋە تېرە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلمەيسىز
مىكروفونئىجازىتى: بۇ ئەپنى ئىشلەتكەندە، مەزكۇر ئىجازەتنى ئېچىشنى تاللىسىڭىز
بولىدۇ، مىكروفونغا قاراپ پۈۋلىسىڭىز، بۇ ئەپ پۈۋلىگەن ئاۋازنى بايقاش ئارقىلىق ئېكراندا ئەينەك
تۇمانلاشقان ئۈنۈمنى تەقلىد قىلىدۇ. ئۇچۇرىڭىز مۇلازىمىتېرغا يۈكلەنمەيدۇ. بۇ تۈردىكى مۇلازىمەت
لازىم بولمىسا، بۇ ئىجازەتنى خالىغاندا ئەتسىڭىز بولىدۇ.
خالىغان ۋاقىتتا سىستېمىدىكى «تەڭشەك» نى زىيارەت قىلىپ سىستېما ئىجازىتىڭىزنى باشقۇرالايسىز.
3. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش
بۇ ئەپ چوڭلارنىڭ ئىشلىتىشىگىلا تەمىنلىنىدۇ. ئەگەر قۇرامىڭىزغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ھامىيىڭىز بۇ
ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزگە ۋە ئالاقىدار ئەپنىڭ مۇلازىمەت شەرتلىرىگە قوشۇلۇشى لازىم. ئاتا-ئانا ۋە
ھامىيلار مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغدىشى ھەمدە ئەپ
ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
4. ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىش
شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى باشقا ھېچقانداق شىركەت، تەشكىلات ياكى شەخس بىلەن ئورتاقلاشمايمىز،
تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:
4.1. ئالدىن ئىجازىتىڭىز ۋە ماقۇللۇقىڭىزغا ئېرىشىش: ئېنىق ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن باشقا
تەرەپلەر بىلەن شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئورتاقلىشىمىز؛
4.2. قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئەھۋاللاردا ئورتاقلىشىش: قانۇن-نىزام، قانۇنىي تەرتىپ، ئەرز/كېسىم،
ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي بۇيرۇقى، نازارەت تەلەپلىرىگە ماسلىشىش سەۋەبىدىن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى
ئورتاقلىشىمىز؛
4.3. قانۇن تەلەپ قىلغان ۋە يول قويغان دائىرىدە، سىز ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتى، مال-مۈلۈكىنى قوغداش
ياكى بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپ (ئىستېمالچىلار
ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تارماقلىرى قاتارلىق كەسپىي تەشكىلاتلار) كە تەمىنلەش زۆرۈر بولغاندا؛
4.4. دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، سىز ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش
ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئورتاقلىشىمىز؛
4.5. قوشۇۋېلىش، سېتىۋېلىش، كەسىپنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ۋەيران بولۇپ ھېسابات قىلىش سەۋەبىدىن
شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كەلگەندە، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يېڭىدىن ئۆتكۈزۈۋالغۇچى
شىركەت ياكى تەشكىلاتتىن مەزكۇر كېلىشىمگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
5. مەلۇماتىڭىزنى باشقۇرۇش
مەلۇمات سۇبيېكتلىق ھوقۇقىڭىزغا قارىتا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەلەپلەرنى قويسىڭىز ياكى گۇمان، تەكلىپ،
پىكرىڭىز بولسا، مەزكۇر باياناتنىڭ «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» دېگەن بابىدىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بىز
بىلەن ئالاقىلىشىڭ ھەم ئالاقىدار ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزۈڭ.
6. مەلۇمات ساقلاش ئورنى ۋە مۇددىتى
يۇقىرىقى ئۇچۇرلار
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى مۇلازىمىتېرغا
يوللىنىپ ساقلىنىدۇ.
بۇ باياناتتىكى مەقسىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ۋاقىت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى
ساقلايمىز ھەمدە تۆۋەندىكى ساقلاش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى
نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز، قانۇن-بەلگىلىمىلەردە باشقىچە تەلەپ قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
مۇلازىمەتنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن توپلانغان مەلۇماتلار مۇلازىمىتېرىمىزدا يېرىم يىل
ساقلانغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىزدە تىجارەتتىن توختاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇقتۇرۇش، ئېلان
ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا سىزگە ئۇقتۇرىمىز ھەمدە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى
ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز.
7. بىز بىلەن ئالاقىلىشىش
شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس بۆلۈمى (ياكى شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس خادىمى) تەسىس قىلدۇق،
مەخپىيەتلىك مەسىلىسىنى
نى زىيارەت قىلىپ ئالاقىلىشىڭ، تېز جاۋاب قايتۇرىمىز.
جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلىشىمىز قانۇنلۇق
ھوقۇقىڭىزغاجاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلىشىمىز قانۇنلۇق
ھوقۇقىڭىزغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى خەلق سوت مەھكىمىسى، كەسىپ بىرلەشمىسى
ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا بېرىپ شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالاقىدار شىكايەت قىلىش يولىنى بىزدىن بىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
خۇاۋېي ئىزچىل بىزنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزگە بويسۇنۇپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغىدۇ ۋە
ئىشلىتىدۇ. مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز،،«خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ
مەخپىيەتلىك باياناتى» نى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.