ئەينەك ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى
يېڭىلانغان ۋاقتى: 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
1 بىز ھەققىدە
«ئەينەك» ۋە ئالاقىدار تېخنىكا، ئىقتىدارلار (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «مەزكۇر مۇلازىمەت» دېيىلىدۇ) نى خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خۇاۋېي» ياكى «بىز» دېيىلىدۇ) يۈرگۈزىدۇ. بۇ كېلىشىمدىكى «سىز» ۋە «ئىشلەتكۈچى» بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ۋە/ياكى زىيارەت قىلغان ھەرقانداق شەخسنى كۆرسىتىدۇ.
2 كېلىشىمنىڭ مۇددىئاسى
بۇ ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى، مەخپىيەتلىك ئۇقتۇرۇشى ۋە بايانات («ئەينەك» ئارايۈزىنىڭ ئۈستىدىكى تەڭشەك > «ئەينەك ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» قا كىرىپ مەخپىيەتلىك ئۇقتۇرۇشى ۋە باياناتنى ئوقۇڭ) ھەمدە بۇ مۇلازىمەت ئېلان قىلغان باشقا تۈزۈم (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «بۇ كېلىشىم» دېيىلىدۇ) سىزگە بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ۋە زىيارەت قىلىشنى تەمىنلەشتە ئاساس قىلىنىدىغان شەرتلەردۇر. بۇ كېلىشىم ئارقىلىق سىز خۇاۋېينى، خۇاۋېينىڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنى، بۇ مۇلازىمەت رۇخسەت قىلغان ۋە چەكلىگەن پائالىيەتنى، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرىنى ۋە باشقا مۇھىم ئۇچۇرلارنى چۈشىنىسىز. بۇ كېلىشىمنى تەپسىلىي ئوقۇڭ. سىز بۇ ئەينەك ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىغا قوشۇلسىڭىز ئاندىن مەزكۇر مۇلازىمەتنى ئىشلىتەلەيسىز، «قوشۇلۇش» نى چەكسىڭىز سىزنىڭ بۇ ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشىنىپ ، بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
3 ئىشلىتىش سالاھىيىتى
بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئۈچۈن 18 ياشقا توشقان ياكى سىز تۇرۇشلۇق رايوندىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇرامىغا يېتىش يېشىغا يەتكەن بولۇشىڭىز كېرەك. 18 ياشقا توشمىغان بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ياكى قانۇنلۇق ھامىيىڭىز قوشۇلغاندىن كېيىن بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
4 بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش
خۇاۋېي بۇ كېلىشىم بويىچە سىزگە بۇ مۇلازىمەتنىڭ چەكلىك، مەخسۇس بولمىغان، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدىغان، ئەمما قايتۇرۇۋالغىلى بولىدىغان زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئىجازىتىنى بېرىدۇ.
5 مەزكۇر مۇلازىمەت
ئەينەك سىزنى ئەينەككە قاراش، تېرە تەكشۈرۈش، تېرە ئاسراش تەكلىپى قاتارلىق مەزمۇن ۋە مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپتۇر. ئەينەككە قاراش سىزنى ئەينەكنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تېرە تەكشۈرۈش يۈز تېرىڭىزنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈپ، سىزنى كەسپىي تېرە ئاسراش تەكلىپى ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تېرە ئاسراش مەزمۇنى تېرە ئاسراش، گىرىم ۋە مودا تۈرىدىكى سىن مەزمۇنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
6 ئىشلىتىش قائىدىسى
بۇ مۇلازىمەتنى قانۇنلۇق ۋە ئەخلاقلىق ھالدا بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىشكە ۋەدە بەردىڭىز ۋە قوشۇلدىڭىز. بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ تۆۋەندىكى خاراكتېردىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنى يوللاشقا ھەم باشقىچە شەكىلدە تۆۋەندىكى ھەرقانداق پائالىيەتكە قاتنىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىڭىز ھەم قوشۇلدىڭىز: بۇلار يالغانچىلىق، تۆھمەت چاپلاش، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، زىيانلىق، شەھۋانىيلىق، زەربە بېرىش، ھاقارەت قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئۆسەك سۆز تارقىتىش، ئۆچ ئېلىش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، قورقۇتۇش، بىھۆرمەتلىك قىلىش، ئۇياتسىزلىق، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىش ياكى باشقا شەكىلدىكى ئادەمنى بىئارام قىلىش قاتارلىقلار، قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە ياردەم بېرىش، روشەن قۇتراتقۇلۇق خاھىشى بار تەشۋىقاتلار، قانۇنغا سەل قارىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ بولغان ئادەمنىڭ جىسمانىي مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغان ياكى سالىدىغان، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەق تەلەپ ئىشلىرى ياكى جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۇچۇر ۋە قىلمىشلار (ئېلان قىلىش ياكى يوللاش ھوقۇقىڭىز بولمىغان ئۇچۇر ياكى بۇ ئېلان قىلىش ياكى يوللاش ھەرقانداق مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتى ۋە/ياكى ئۈچىنچى تەرەپ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
تۆۋەندىكى ھەرقانداق پائالىيەتنى قىلماسلىققا قوشۇلدىڭىز:
(a) بۇ مۇلازىمەتنىڭ بارلىق ياكى بىر قىسىم مەزمۇنىنى كۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش، بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭ بىر قىسىمىنى باشقا ھەرقانداق پىروگرامما بىلەن بىرلەشتۈرۈش ياكى باشقا پىروگراممىغا قوشۇپ قويۇش؛
(b) بۇ مۇلازىمەتنى ياكى مۇناسىۋەتلىك سىستېما ياكى تورنىڭ ھەرقانداق بىر بۆلىكىنى ئىجازەتسىز زىيارەت قىلىش ياكى زىيارەت قىلىشقا ئۇرۇنۇش ياكى زىيانغا ئۇچرىتىش؛
(c) بۇ مۇلازىمەتنى ياكى ھەرقانداق قىسمىنى پارچىلاپ، كودىنى يېشىپ ياكى تەتۈر ئېچىپ، ئاشۇ ئاساستا ھاسىلاتما مەھسۇلات ياساش ياكى قانۇن چەكلىگەن شۇ تۈردىكى ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنۇش؛
(d) بۇ مۇلازىمەتنى پارچىلاپ تارقىتىش، ئىجازەت بېرىش، ئىجارىگە بېرىش، سېتىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتۈنۈش، ئاشكارا كۆرسىتىش، ئاشكارا ئېلان قىلىش، يوللاش، قويۇش، تارقىتىش ۋە ھەرقانداق ئىجازەتسىز شەكىلدە ئىشلىتىش؛
(e) خۇاۋېيدىن يازما ئىجازەت ئالماي، ھەرقانداق شەكىلدە بۇ مۇلازىمەتنىڭ پۈتۈن ياكى قىسمەن مەزمۇنىنى(نىشان بۇيۇم ۋە ئەسلى كود ئىچىدە) باشقىلارغا تاپشۇرۇش ياكى باشقا ئۇسۇلدا بېرىش؛
(f) باشقىلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىش، ساختا نام قوللىنىش ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئۆزى بىلەن باشقىلار ياكى مەلۇم ئەمەلىي گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش؛
(g) قانۇنسىز مەقسەتتە، ياكى ھەرقانداق قانۇنسىز ياكى مەزكۇر كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا بۇ مۇلازىمەت (ياكى ئۇنىڭ ھەرقانداق بۆلىكىنى) زىيانلاندۇرۇش، ئۇنىڭغا يامان غەرەزدە بولۇش؛ بۇ خىل قىلمىش مۇلازىمەتكە ھۇجۇم قىلىش (ياكى بۇ مۇلازىمەتنىڭ تور ئادرېسىغا ھۇجۇم قىلىش) ياكى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ۋىرۇس ياكى زىيانلىق مەلۇمات قاتارلىق يامان غەرەزلىك كود قىستۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛
(h) بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلغان/ياكى ئىشلەتكەندە بىز ياكى ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش؛
(i) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىش، ئاپتوماتىك ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ بۇ مۇلازىمەت ياكى خۇاۋېي سىستېمىسىنى زىيارەت قىلىش ياكى بۇزۇلغان كود ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى ئىجرا قىلىۋاتقان مۇلازىمىتېرغا ھەرقانداق مەزمۇننى قوشۇش ياكى ئېلىش؛
(j) يۇمشاق دېتال، ئۈسكۈنە، يېزىم ئېچىش، قوللاش ياكى ئىشلىتىش ياكى ھەرقانداق باشقا ۋاسىتە ياكى جەريان (قۇرت دېتالى، تور كۆرگۈچ قىستۇرمىسى ياكى باشقا ھەر قانداق تېخنىكىلىق ياكى سۈنئىي مەشغۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى ئېلىۋېلىش ياكى بۇ مۇلازىمەتتىكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرى ۋە باشقا مەلۇماتنى كۆچۈرۈش؛
(k) خۇاۋېيدىن ئالدىن يازما ئىجازەت ئالماي بۇ مۇلازىمەتنى سودىغا ئىشلىتىش؛
(l) بۇ مۇلازىمەت ئارقىلىق ھەرقانداق قانۇنسىز سودا بىلەن شۇغۇللىنىش، مەسىلەن ھەربىي قورال، زەھەرلىك چېكىملىك، قانۇنسىز بۇيۇم، قانۇنسىز نەشردىكى ئەپ ياكى باشقا چەكلەنگەن بۇيۇملارنى ئېلىپ-سېتىش؛
(m) قىمار ئۇچۇرى تەمىنلەش ياكى باشقا ھەرقانداق ۋاسىتە بىلەن باشقىلارنى قىمارغا قىزىقتۇرۇش؛
(n) باشقىلارنىڭ تىزىملاپ كىرىش ئۇچۇرىنى سوراش ياكى باشقىلارنىڭ ھېساباتىغا كىرىش؛
(o) پۇل يۇيۇش، نەقلەشتۈرۈش ياكى شاخلىتىپ سېتىشقا قاتنىشىش؛
(p) بۇ كېلىشىم (ياكى مەلۇم قىسمىغا) گە خىلاپلىق قىلىش ياكى شۇ تۈردىكى قىلمىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قۇترىتىش؛ ياكى
(q) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە، بۇ مۇلازىمەت، خۇاۋېي سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىش، چەكلەش، ئاجىزلىتىش ياكى ھالاك قىلىش، يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىش، باشقا ئىشلەتكۈچىلەرگە ياكى باشقىچە شەكىلدە كومپيۇتېر سىستېمىسىغا توسقۇنلۇق قىلىش، بۇ مۇلازىمەت، خۇاۋېي مەزمۇنى (ئاستىدىكى ئېنىقلىمىغا قاراڭ) ياكى مەلۇماتقا تاجاۋۇز قىلىش ياكى ئىجازەتسىز زىيارەت قىلىش.
7 خۇاۋېي مەزمۇنلىرىنى ئىشلىتىش
خۇاۋېي ۋە/ياكى خۇاۋېي ئىجازەت بەرگەن تەرەپنىڭ بۇ مۇلازىمەتكە ئاساسەن بۇ مۇلازىمەتتىن ئېرىشكەن بارلىق ئۇچۇرنى، تېكىست، سىن ۋە ئاۋاز، رەسىم، سىنبەلگە، ئەپ، لايىھە، يۇمشاق دېتال، يېزىم، پىروگرامما، نەشر ھوقۇقى، سودا ماركىسى، سودا شوئارى، بەلگە ياكى باشقا ماتېرىيال، مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، شۇنداقلا ئالدىدا دېيىلگەن مەزمۇننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ياكى تەسىراتىنىڭ (تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «خۇاۋېي مەزمۇنى» دېيىلىدۇ) ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېلىشىمدە ئايرىم بەلگىلىمىسىلا، بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ۋە/ياكى زىيارەت قىلغاندا بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭدىكى ھەرقانداق مەزمۇننىڭ ھەرقانداق ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقى سىزگە ياكى باشقىلارغا يۆتكەلمەيدۇ.
ھەرقانداق ئۇسۇلدا خۇاۋېي مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈش، ئايرىش، تەھرىرلەش ياكى قوشۇشقا بولمايدۇ ھەم خۇاۋېي مەزمۇنىنى سېتىش، كۆچۈرۈش، تارقىتىش، ئىجازەت بېرىش ياكى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ھەرقانداق خۇاۋېي مەزمۇنىنى قايتا ئېلان قىلماقچى، ئايرىماقچى، كۆچۈرمەكچى، تارقاتماقچى ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم خۇاۋېي بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ يازما ئىجازەت ئېلىشىڭىز كېرەك، بۇ كېلىشىمدە ئېنىق چۈشەنچە بولغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ تەتبىقلىنىدىغان قانۇن بەھرىمەن بولىدۇ دەپ كەسكىن بېكىتكەن ھەرقانداق ھوقۇقىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭ قىسمەن مەزمۇنى ھەرقانداق نەشر ھوقۇقى، سودا ماركىسى، پاتېنت، سودا مەخپىيەتلىكى ۋە باشقا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلدى دەپ قارىسىڭىز ۋە ياكى بۇ مۇلازىمەتكە قارىتا گۇمانىڭىز بولسا، «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» بابىدىكى ئالاقە ئۇچۇرى ئارقىلىق بىزگە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ.
8 بۇ مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش
قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بۇ مۇلازىمەتنى يۈرۈشتۈرۈش ھەم ياخشىلاش نىشانى (ئالدامچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەرنى باھالاش، تەكشۈرۈش ھەم خېرىدارلار قوللىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) بويىچە، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ بۇ كېلىشىمگە رىئايە قىلىشىڭىز ياكى قانۇنغا، سوتنىڭ، ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنىڭ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ياكى باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇيرۇقى ياكى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بارلىقىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.
9 مەخپىيەتلىك ۋە مەلۇمات توپلاش
تېخىمۇ مۇقىم مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، سودا بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتنىڭ مەخپىيەتلىك ئۇقتۇرۇشى ۋە باياناتى بويىچە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
10 مەسئۇلىيەت باياناتى
بۇ مۇلازىمەت سىزگىلا تەمىنلەنگەن، ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشكە بولمايدۇ. قوشۇلسىڭىز، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق زىيانغا قارىتا، خۇاۋېي ۋە خۇاۋېينىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرى، مەسئۇل خادىملار، مۇدىرلار، خىزمەتچىلەر، ھۆددىگەرلەر، ۋاكالەتچىلەر، ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، ئىجازەت بەرگۈچى تەرەپ ۋە ساتقۇچى سودىگەرلەر (تۆۋەندە «خۇاۋېي تەرەپ» دېيىلىدۇ) ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش جەريانىدا تىزگىنلەشكە بولمايدىغان سەۋەبلەردىن ئېنىقسىز توختاپ قېلىشى، كېچىكىشى ياكى كاشىلىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئالدىدا دېيىلگەن توختاپ قېلىش، كېچىكىش، توسالغۇغا ئۇچراش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كاشىلا كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تۆلەم تەلىپىگە خۇاۋېي تەرەپ ھېچقانداق جاۋابكار بولمايدىغانلىقىغا قوشۇلدىڭىز.
سىز ياكى باشقىلار تۆۋەندىكى سەۋەبتىن بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلالماسلىق ياكى ئىشلىتەلمەسلىكتىن ھەرقانداق زىيان كېلىپ چىقسا، خۇاۋېي تەرەپ قانۇن رۇخسەت قىلغان ئەڭ زور چەكتە ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:
(a) خۇاۋېي سىستېما ياكى يۇمشاق-قاتتىق دېتالنى ئاسراش ياكى يېڭىلاش ياكى نەشر ئۆستۈرۈش سەۋەبلىك مۇلازىمەت توختاپ قالسا ياكى ئاخىرلاشسا؛
(b) خۇاۋېيغا قاراشلىق بولمىغان ياكى تىزگىنلىمىگەن سىستېما ياكى تور ئالاقىسى كېچىكسە ياكى كاشىلا كۆرۈلسە؛
(c) خاككېر ھۇجۇمى ياكى باشقا بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك خاتالىق كۆرۈلسە ياكى مۇلازىمەت توختاپ قالسا؛ ياكى
(d) خۇاۋېي مۇۋاپىق تىزگىنلەشكە قۇربى يەتمەيدىغان باشقا سەۋەب كۆرۈلسە.
بۇ مۇلازىمەت «ھازىرقى ھالىتى» ۋە «نۆۋەتتىكى» بارچە نۇقسانلىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ ھەم ھېچقانداق شەكىلدە كاپالەت ياكى ۋەدە بېرىلمەيدۇ. تەتبىقلىنىدىغان قانۇن يول قويغان ئەڭ كەڭ دائىرىدە، خۇاۋېي تەرەپ تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئوچۇق ياكى بېشارەت شەكلىدە كاپالەت، شارائىت ياكى باشقا كېلىشىم بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەم بۇنىڭغا كېپىل بولالمايدۇ، ۋەدە بەرمەيدۇ، بايانات ۋە كاپالەت ئېلان قىلمايدۇ: (a) بۇ مۇلازىمەت ۋە مۇلازىمەتتىن ئېرىشكەن ھەرقانداق مەزمۇننىڭ مۇكەممەل، توغرا، ئىشەنچلىك ياكى دەللىكى؛ (b) بۇ مۇلازىمەت ۋە مۇلازىمەتنى يۈرۈشتۈرگەن مۇلازىمىتېردا كەمچىللىك، خاتالىق، ۋىرۇس، يوچۇق ۋە باشقا سەۋەبلەرنىڭ بار-يوقلۇقى؛ (c) بۇ مۇلازىمەتنىڭ يۈرۈشۈش ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكى كەمچىللىكنىڭ ئوڭشالغان-ئوڭشالمىغانلىقى؛ (d) بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كاپالەت ياكى مۇشۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىپ ياكى ئىشلىتىپ ئېرىشكەن ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك ۋە توغرا ياكى ئەمەسلىكى؛ (e) بۇ مۇلازىمەت بىخەتەرمۇ-ئەمەسمۇ؛ ھەم (f) بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك، توغرا، ئىشلىتىشچان ياكى ئەمەسلىكى ھەم سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزدىن چىققان چىقمىغانلىقى، كۆزلىگەن نەتىجىنى ھاسىل قىلالىغان-قىلالمىغانلىقى. بۇ مۇلازىمەتكە پۈتۈن ياكى قىسمەن تايىنىش، ئىشلىتىش، ئىزاھلاش ياكى سىز (ياكى باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ) بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىپ ياكى ئىشلىتىپ ئېرىشكەن ئۇچۇر پەيدا قىلغان ھەرقانداق يوقىتىش، زىيانغا قارىتا خۇاۋېي تەرەپ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى توختامدا بىر قىسىم كاپالەت، كېپىللىك ياكى مەسئۇلىيەتنى ساقىت قىلىش ياكى چەكلەشكە رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ قانۇنلار سىزگە تەتبىقلانسا، يۇقىرىقى باياندا ساقىت قىلىنغان ياكى چەكلەنگەن شەرتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى سىزگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ كېلىشىمدىكى مەزمۇن ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ھەم ئۆزىڭىزمۇ بۇ توختام ئارقىلىق ھوقۇقلىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيسىز ياكى بىكار قىلالمايسىز.
11 سىزنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇشىڭىز
بۇ مۇلازىمەت ئىشلىتىشنى توختىتىش ئارقىلىق بۇ كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
12 خۇاۋېينىڭ ئاخىرلاشتۇرۇشى ياكى توختىتىشى
تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئاساسەن ھەرقانداق ۋاقىتتا بارلىق ياكى قىسمەن زىيارىتىڭىزنى ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك توختىتىشىمىز، بىكار قىلىشىمىز ياكى چەكلىشىمىز مۇمكىن ھەمدە ھەرقانداق شەخس ياكى ئۈچىنچى تەرەپ ئالدىدا ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز. بىز ئالدىدا دېيىلگەن ھەرىكەتنى قوللىنىشتىن بۇرۇن ئىمكانقەدەر سىزگە ئۇقتۇرىمىز. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالسا، ئالدىن ئۇقتۇرمايمۇ سىزنىڭ بارلىق ياكى قىسمەن مۇلازىمەتلەرنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك چەكلىشىمىز، بىكار قىلىشىمىز ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن:
(a) بۇ كېلىشىمگە، ئۇنىڭ ھەرقانداق كېلىشىمى، سىياسىتى ياكى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز ياكى خۇاۋېينىڭ سىزنى بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارايدىغان ئاساسى بولسا؛
(b) سىز ياكى سىزگە ۋەكىل بولغان ھەرقانداق كىشى ئالدامچىلىق قىلسا ياكى قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا ياكى خۇاۋېيغا ساختا ياكى قايمۇقتۇرىدىغان ئۇچۇر تەمىنلىسە؛
(c) ئۈنۈملۈك قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قانۇن ئورۇنلىرى ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقاندا؛
(d) سىستېما ياكى قاتتىق دېتالنى جىددىي ئاسراش يېڭىلاش خىزمىتى؛ ياكى
(e) مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تېخنىكىلىق، بىخەتەرلىك ياكى كەسپىي سەۋەبتىن.
بۇ كېلىشىمنىڭ مۇددىتى توشسا ياكى ئاخىرلاشسا بۇ كېلىشىمدە ئېنىق ئىزاھلانغان كېلىشىم كۈچىدىن قالغان ياكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنىلا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغانلىقى ياكى داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولۇش شەرتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ھەم ھېسابلاشقا بولىدىغان ھەرقانداق ھوقۇق-مەنپەئەت ياكى مەجبۇرىيەت ۋە ياكى بۇ كېلىشىم كۈچتىن قالغان ياكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولغان ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
بۇ كېلىشىمدە ئېنىق دېيىلگەن ياكى خاراكتېرى بويىچە بۇ كېلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولىدىغان ھەرقانداق ماددا، بۇ كېلىشىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ تولۇق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بۇ ماددىدىكى شەرتلەر قاندۇرۇلغىچە ياكى ئۇنىڭ خاراكتېرى بويىچە مۇددەت توشقىچە داۋاملىشىدۇ.
13 بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزىتىلىشى
خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتنى داۋاملىق يېڭىلايدۇ، تۈزىتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتكە ئىقتىدار ياكى خۇسۇسىيەت قوشۇشى، ئۆچۈرۈشى، مەلۇم مۇلازىمەتكە يېڭى چەكلىمە قويۇشى، ۋاقىتلىق توختىتىشى ياكى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن؛ خۇاۋېي يەنە مۇشۇ مۇلازىمەتنىڭ يېڭىلىنىشى ئاساسىدا بۇ كېلىشىمگە خالىغان ۋاقىتتا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى مۇمكىن.
بۇ مۇلازىمەت ياكى بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزىتىلىشى ئىشلەتكۈچىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتسە ياكى بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ياكى ئىشلىتىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىسە، ئۆزگىرىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇش قىلىمىز. بىخەتەرلىك، قانۇن ۋە نازارەت تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ مۇلازىمەتكە ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەك، بۇرۇن دېيىلگەن ئالدىن ئۇقتۇرۇش ۋاقتى بويىچە سىزگە ئۇقتۇرۇپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ئامال بار تېز ئۇقتۇرۇشقا تىرىشىمىز.
14 تەتبىقلىنىدىغان قانۇن ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى
بۇ كېلىشىمگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. خۇاۋېي بىلەن سىز بۇ كېلىشىمنىڭ جۇڭگو گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ رايونىدا ئىمزالىنىدىغانلىقىغا قوشۇلدۇڭلار. كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىككى تەرەپتە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، كېلىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ كېلىشەلمىسە، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالانغان ئورۇندىكى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ ھەل قىلسا بولىدۇ.
15 ئادەتتىكى شەرتلەر
بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۈچىنچى تەرەپ باشقا تور بېكەت ياكى مەنبەلەرنىڭ ئۇلىنىشىنى تەمىنلىشى مۇمكىن. بۇ خىل تاشقى تور بېكەت ۋە مەنبەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى، بۇ تور بېكەت ياكى مەنبەلەردىكى ھەرقانداق مەزمۇن، ئېلان، مەھسۇلات ياكى باشقا ئۇچۇرلارغا ھېچقانداق مەسئۇل بولمايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىڭ ھەم قوشۇلۇڭ. بۇ خىلدىكى تور بېكەت ياكى مەنبەدىن ئېرىشكەن ھەرقانداق مەزمۇن، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ياكى بېقىنىش سەۋەبىدىن ياكى شۇ ئارقىلىق كېلىپ چىققان ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق زەخىم ياكى زىيانغا نىسبەتەن بىز ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز.
بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق مەزمۇن خۇاۋېي بىلەن ئاراڭلاردا تۈزۈلگەن ھەمكارلىق ياكى ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتى دەپ قارالسا بولمايدۇ. ھېچقايسى تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپ نامىدا ياكى يەنە بىر تەرەپكە ۋاكالىتەن ھەرقانداق مەسئۇلىيەت قەرز ياكى تەننەرخ پەيدا قىلىش ياكى ھەرقانداق توختام ياكى باشقا كېلىشىم تۈزۈش ھوقۇقى يوق.
خۇاۋېينىڭ نورمال تىزگىنلەش دائىرىسىدىن سىرت ئىشلار خۇاۋېينىڭ بۇ كېلىشىم ياكى بۇ مۇلازىمەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماسلىقى ياكى كېچىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، خۇاۋېي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
خۇاۋېينىڭ بۇ كېلىشىمدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش، بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش ياكى ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بار.
بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق شەرتنى قاراشلىق قانۇن ئورۇنلىرى ئىناۋەتسىز، ئۈنۈمسىز ياكى ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىسا، شۇ شەرت بۇ كېلىشىمدىن ئۆچۈرۈلدى دەپ قارىلىشى كېرەك، باشقا شەرتلەر يەنىلا قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
16 بىز بىلەن ئالاقىلىشىش
بۇ كېلىشىمگە قارىتا ھەرقانداق پىكرىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ: haservice@huawei.com