قىزچاقنىڭ دادىسىنى كۈتۈۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى، ئىشىكنىڭ تاراققىدە قىلغان ئاۋازى قانداقتۇر دادىسىنىڭكىگە ئوخشاش بوم ئاۋاز، گەۋدىلەر، يەنە دادىسىدەكلا كىيىنىۋالغانلار… ھەر چاغ ئۇنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ بىر ئۈمتۈلۈش، ئارزۇ ۋە تەشنالىقنى قوزغايتتى. ئەمما قىزچاقنىڭ ھەر بىر كۈنىدە بۇنداق ئۆمتۈلۈش، تەلمۈرۈش ئاخىرىدا لاسسىدە بولۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، سان-ساناقسىز، تەكرارلىنىپ ئالمىشىپ تۇراتتى. كىچىككىنە يۈرىكى مۇزلاپ، سوۋۇپ كۆزلىرىگە ئاچچىق ياشلار تالاي قېتىم چىڭقاپ كېلەتتى. ھالبۇكى ئۇ يەنىلا بەرداشلىق بېرىۋاتاتتى، چۈنكى ئۇ دادىسىنىڭ ھامان قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنەتتى .
بۈگۈنمۇ ئۇ قورسىقى ئېچىپ، باغرى تارتىشىپ كەتكەن ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدى. چار مېكىيان ئۈنلۈك كاكىلداپ ئۇنى كۈتۈۋالدى، مېكياننىڭ ئاۋازى ئۆچمەي تۇرۇپلا، ئېغىلدىكى قوزا بوينىنى سوزۇپ، قاتتىق مەرەشكە باشلىدى.
-ھەي، سىلەرنىڭ قورسىقىڭلار ئېچىپ كېتىپتۇ-دە، مانا ھازىر…
قىزچاق توخۇلارغا دان قوزىغا ئوت تاشلاپ بېرىۋېتىپ ، ئۆزىنىڭ ئاچلىقتىن قاتتىق ھېرىپ كەتكىنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى. بۇ جانىۋارلار ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىدىغان ۋە «ئالدىغا چىقىپ» قارشى ئالىدىغانلاردىن پەقەت مۇشۇلارلا قالغانىدى .
قىزچاق ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ ئۆيگە كىردى، ئاپىسى شۇ پېتى ياتاتتى، ئاچچىق بىر سېسىمچىلىق ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىگە تېگەتتى. لېكىن ئۇ بۇ پۇراققا ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ھېچ بىر يىرگىنىش ھېس قىلمايتتى.
دېمەك ئاپىسى يەنە… قىزچاق ئايىغىنى سېلىپ، ئاپىسىنىڭ ئايىغىغا ئۆتتى. ئاپىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە كىچىكلەپ ئاۋاقلىشىپ كېتىۋاتقان نىمجان تېنىدە ھېچقانداق ئىپادە يوق ئىدى. ئۈمىدسىز كۆزلىرى، تېخىمۇ خۇنۈك كۆرۈنەتتى قىزچاق ئادەتلىنىپ كەتكىنى بويىچە ئاپىسىنىڭ ئاستىنى بىردەمدىلا ئېرىغداپ پاكىز يۇيۇپ قاتلاپ قويغان لاتىنى نەچچە قات قىلىپ تېگىگە سېلىپ بەردى.
—دادام كەلسىلا چۇقۇم ساقىيىپ كېتىسىز ئاپا، چۇقۇم شۇنداق بولىدۇ . يايمىڭىزنى ئۆزىڭىز ئاچىسىز دادام ئاچقىلى قويمايدۇ تېخى! ئەمما بۇ دادام ئىككىڭلارنىڭ ئىشى… مەن قايتا ئىمتىھان بېرىپ ئالىي مەكتەپكە بارالايمەن، مەكتەپ پۈتكۈزۈپ دادام ئېيتقاندەك بىر مۇنچە بالىلارغا مۇئەللىم بولىمەن. بەك چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىمەن، مائاش ئالىمەن. دادامنىڭمۇ ئادىلەنىڭ دادىسىنىڭكىگە ئوخشاش ئېسىل ماشىنىسى بولىدۇ، بىز ئاشۇ ماشىنىدا ئەڭ چىرايلىق يەرلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىمىز، يەنە ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەرنى يەيمىز… ھى ھى ھى…— قىزچاق ئانىسىنىڭ چېيىنى بېرىۋېتىپ ، ھەر كۈندىكى ئۆزىنى ئاۋۇندۇرىدىغان شۇ گېپىنى تەكرارلىغىنىچە خىرىلداپ كۈلدى…
ئۇ بىر تاللا قىزى ئىدى ئاپىسى دادىسىنى پاناھ تارتىپ بۇ يەردە تۇرۇپ قالغان بولغاچقا، دادىسىنىڭ بىر نەچچە يىراق يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشقا ئۇلارغا ھامىي بولغۇدەك باشقا ئادەملەر يوق ئىدى. ئاپىسىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، قىزچاق تۇغۇلغاندا دادىسى ئاجايىپ خۇشال بولۇپ كەتكەن، مېھىر مۇھەببەتلىك قىز بولسۇن دەپ، ئۇنىڭغا مۇھەببەتقىز دەپ ئىسىم قويغان ئىدى. ھەئە ، قىزچاقنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، خېلى ياشقا كىرگەندىمۇ، ئۇ يەنىلا دادىسىنىڭ بوينىغا مىنىپ بالىلىقنىڭ ئەڭ تاتلىق ھوزۇرىنى سۈرەتتى ئاپىسى دادىسىغا كايىپ :
—ھاي چوپچوڭ بالىنىمۇ شۇنداق ئەركىلەتكەن بارمۇ دېگىنىدە، دادىسىنىڭ جاۋابى ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ نەزىرىمدە كىچىك بوتىلاق دېگەنلىرىنى ئىشتەتتى، ئاشۇ مىنۇتلاردا ، قىزچاق ئاتا يۈرىكىدىن ئۆز ۋۇجۇدىغا قاراپ ئېقىۋاتقان ئىللىق بىر ھارارەتنى سەزگەنىدى. دادىسىنىڭ مېنىڭ مۇھەببىتىم ، مۇھەببەتقىزىم دەپ چاقىرىشلىرى ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە، ھەتتا قۇلاق تۈۋىدىلا ئىدى .
ئۇنىڭ زېھنىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق ئىدى مەكتەپتە سىنىپ بويىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي ، ئوقۇغاندىن سىرت يەنە كىتاب ئوقۇش، يېزىقچىلىق قىلىشنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى. بالىلىق چۈچۈك تىللىرى بىلەن يازغان نەسىر، ھېكايىلىرى بالىلار ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان چاغدا، دادىسى ئۇنىڭدىن ئاجايىپ پەخىرلەنگەن، ھەم ئۇنى مۇكاپاتلاپ بازارغا ئاپارغان ئىدى. ئۇ ھېلىھەم دادىسى ئېلىپ بەرگەن خاتىرىنى يېنىدىن ئايرىماي دادىسىغا ئاتاپ تىنماي خەت يېزىپ كېلىۋاتاتتى . ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققان يىلى دادىسى ئۇلارنى تاشلاپ بۇ چەت سەھرادىن يىراق بىر يەرگە كەتتى، ئۇ ئاشۇ كۈنكى ئىشلارنى بىر مىنۇتمۇ كۆز ئالدىدىن يىراقلاشتۇرالمىدى .
—مەيلى، مەن چىدايمەن، بۇ نەدىمۇ غورگۈل تۇرمۇش بولسۇن ئېسىل يەپ، ئېسىل كىيەلمىسەكمۇ، قورسىقىمىز توق، كىيىمىمىز پۈتۈنغۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق نېممەتنىڭ ماڭا كېرىكى يوق دادىسى.
— سەن ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن مېنىڭ ۋىجدانىم چىدىمايدۇ.
— نېمىگە چىدىمايدۇ؟
— ئاشۇ نەچچە مو يەرگىلا باغلىنىپ سىلەرنى مۇشۇنداق كۈنلەردە قويۇشقا غورۇرۇم يول قويمايدۇ.
—بىز يا سىزگە نامراتلىقتا قالدۇق دەپ دادلىمىساق.
— مەن سېنى زارلاندى دېدىممۇ؟
— ئەمىسە بىزنى تاشلاپ نەگە بارىسىز؟
— سېنى تاشلىۋېتىمەن دېمىدىم، شۇ ئاغىنىلەر بىلەن ئىچكىرى تەرەپكە كىرىپ، ئانچە مۇنچە ياننى چىڭداپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتايلى دېدىم.
—ئۇ ياققا بېرىپ سودا قىلمىسىڭىز نېمە بولۇپتىكەن؟
—مۇھەببەتقىزنى ئوقۇتمىساق بولماس مېنىڭ سىلەرنى بۇنداق كۈنلەردە قالدۇرغۇم يوق، مەنمۇ گۈسمۈستەك ئەركەكقۇ .
— ھەممە ئىشنىڭ يولى بولىدۇ دادىسى، نېمانداق كاجلىق قىلىسىز؟
— بېلەتنىمۇ ئېلىپ بولدۇم، ئەنسىرىمىگىن . سىلەر بىر مەزگىل چىداپ تۇرۇڭلار، مەن پات ئارىدا قايتىپ كېلىمەن .
—راستىنلا كېتىسىز ؟
—مەن بىراقلا كېتىمەن دېمىدىمغۇ مۇنىرە
—سىز كەتسىڭىز، مەن قانداق قىلىمەن مۇھەببەتقىز تېخى كىچىك تۇرسا؟
—مەن دېدىمغۇ پات ئارىدا قايتىپ كېلىمەن دەپ نېمانداق گەپ چۈشەنمەيسەن؟
—قىزچاق بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، قۇلىقىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى، ئەجەبا دادىسى راستتىنلا ئۇلارنى تاشلاپ كېتەرمۇ ئۇ ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى زەرب بىلەن ئېچىپ دادىسى تەرەپكە قاراپ ئېتىلدى.
—جېنىم دادا بىزنى تاشلاپ كەتمەڭ بولامدۇ ئاپام ئىككىمىز سىزگە مۇھتاج، دادا- ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى توختىماي ئېقىشقا باشلىدى.
—ياق قىزىم ، مەن سىلەرنى تاشلاپ كەتمەيمەن، ھەرگىزمۇ…
—مېنى دەپ كېتىدىغان ئىشىڭىز بولسا بولدى، مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇماي دادا بولامدۇ؟
—ئۇنداق دېمەڭ خان قىزىم قېنىمنى سېتىپ بولسىمۇ سىزنى ئوقۇتىمەن، پات ئارىدا قايتىپ كېلىمەن، ئاندىن بىز يەنە ئىجىل ئىناق ياشايمىز.
—ياق، جېنىم دادا كەتمەڭ كەتمەڭ بولامدۇ؟ ئانىسى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ پۇتىغا چىڭ گىرەلەشكەن قولىنى ئاستا تارتتى .
—جېنىم قىزىم، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ بۇنداق قىلماڭ! دادىڭىز ھەرگىز بىزنى تاشلاپ كەتمەيدۇ، ئۇ بېرىپلا پات يېقىندا قايتىپ كېلىمەن دېدىغۇ، تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ مۇھەببەت.
—ياق ، مېنى ئالداۋاتىسەن ئاپا.
—راست قىزىم دادىڭىزنى ھازا ئېچىپ ئۇزاتساق، كۆڭلى بىئارام قىلىپ قويىمىز.
—ياق، ئۇنى كەتكۈزمەيمەن، دادامنى قويۇپ بەرمەيمەن،— ئۇنىڭ ياشلىرى توختايدىغاندەك ئەمەس.
دادىسى ئاخىرى ئۇلاردىن ئايرىلىپ ناتونۇش شەھەرلەرگە كېتىپ قالدى ئۇ كۈنى يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ئاپىسى ئىككىسىنىڭ كۆز ياشلىرى يامغۇرغا جۆر بولۇپ سەلدەك ئاقماقتا ئىدى، دادىسىنىڭ يۈرىكى ئۆرتەندى، يەنە ئۇزاقراق تۇرسا ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى پەملىدى بولغاي ئارقىغا بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى ئۇ دادىسىنىڭ گەۋدىسى يېتىپ، چوڭ يولغا قايرىلىشى ھامان ئاپىسىدىن ئاجراپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى، ئۇ بار كۈچى بىلەن يۈگرەۋاتاتتى، ئۇ مىڭ تەستە چوڭ يولغا كېلىپ قايرىلغاندا، دادىسىنىڭ سىماسى ئاللىقاچان يۈتكەنىدى، ئۇنىڭ ئىچىگە بىر ئاچچىق سىرغىپ كىرىپ، ئۈنىنى قويۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدى. كەينىدىن تاپ بېسىپ كەلگەن ئاپىسى ئۇنى مىڭ تەسلىكتە ئۆيگە ياندۇرۇپ كىردى، ئۇ ئاپىسىغا باتناپ، ئۇنىڭغا توڭ تېگەتتى. دادىسنىڭ كېتىشىگە يول قويغىنىغا ئاچچىقى كېلەتتى.
دادىسى كەتكەندىن كېيىنكى كۈنلەردە، ھەممە ئىش ئاشۇ ئورۇق، ۋىجىككىنە ۋۇجۇدنىڭ زىممىسىگە قالدى. ھەئە، ئاپىسى ئۇنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقاردى، كۆرمىگەننى كۆردى. ئەمما، تۇرمۇش قانچىلىك قاتتىق كۈنلەرگە يەتكۈچە ئازاب بولسىمۇ، ئاپىسى ئۇنىڭ ئوقۇشتىن توختىشىغا ئەسلا يول قويمىدى، شۇنداق، ئۇ ئاخىرى تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملاپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەردى. لېكىن دادىسى شۇ كەتكەنچە ھېچقانداق خەۋەر، ئۇچۇرسىز يوقاپ كەتتى.
ئۇنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرى خۇددى چاقماق چاققاندەك دەھشەت چىقىرىپ ئېسىنى ۋەيران قىلاتتى. «سىز مۇئەللىم بولىسىز، مۇھەببەتقىزىم!» دادىسىنىڭ ھەمىشە دەيدىغان ئاشۇ بىر ئېغىز گېپى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىش بىلەن تەڭ قاراڭغۇدا قالغان ئارزۇلىرى بېشىغا قايتىدىن نۇر چۈشۈرۈپ قەلبى بىردىنلا يورۇپ كېتەتتى. شۇنداق، تالاي قىسىلچىلىق، چەكسىز تەشنالىق ئارىسىدا دادىسىنىڭ يولىغا باقاتتى. قايسىبىر كۈنى ئۇ يۇقىرىقى مەھەللىدىكى ساۋاقدىشى ئامىنەنىڭ دادىسى ھەققىدە دېگەن گېپى ئۈچۈن ئۇنىڭ راسا ئەدىپىنى بېرىپ تويدۇرۇپ قويغان ئىدى. لېكىن، بەزىدە يەنە ئامىنە دېگەندەك دادىسىنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ زەھەر سېتىپ، ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھەم مەڭگۈ قاراڭغۇ تۈرمىدە ياشاۋاتقىنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ بۇقۇلداپ يىغلاپ سالاتتى. لېكىن ئاشۇ نەپرەتلىك خىياللاردىن يىرگىنەتتى، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى ھەرگىز ئامىنە دېگەندەك ئەسكى ئىشلارنى قىلمايدۇ، ئۇ ھەقىقىي ئەركەك ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيالايدىغان ئېسىل دادا.
كۈنلەر شۇ تەرىزدە داۋاملاشقانمۇ بولدى.
دادىسى بىلەن بىللە كەتكەن مەھەللىداش ئاغىنىسىنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلار تاپ بېسىپلا ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆيگە كىردى، ئۇلار قىسقا سالام-ساھەت قىلىشقاندىن كېيىن، ئانىسى بىر خىل تەقەززالىق، ئۈمىد بىلەن ئېغىز ئاچتى.
—سىزنىڭ كەلگىنىڭىزنى ئاڭلاپ، مۇراتنىڭ دېرىكىنى بىر ئۇقايلى دەپ كەلگەن ئەزىزكا،— ئەر ئېغىر ئۇھ تارتىپ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ئىككى جۈپ كۆزنىڭ ئۈمىد تامغان تەپتىدىن ئەيمەندىمۇ گەپ قىلالماي، ئۇزاق تۇرۇپ كەتتى.
—ئاران بىر كەلگىنىڭىزدە ھاردۇقىڭىزنىمۇ ئالغىلى قويماي، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق، ئالدىڭىزدا خىجىلمەن ئەزىزكا.
—ھە، يا… يا… ياق، ياق ئۇنداق دېمەڭ مۇنىرە…،— خىيال دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن ئەزىز ئېسىگە كېلىپ زور بىر غەيرەت شىجائەتنىڭ تۈرتكىسىدە ئېغىز ئاچتى:
—نېمىسىنى دەي ئۇكام، بىز تۆت بۇرادەر ئانچە مۇنچە پۇل تېپىپ كېلىش ئىستىكى بىلەن ئىچكىرىگە كىرگەنمۇ بولدۇق، بۇ يول ئاجايىپ ئۇزۇن ئىكەن، ئۇدا تۆت كۈن پويىز ئالمىشىپ يۈرۈپ، كۆزلىگەن مەنزىلگە ئاخىرى يەتتۇق. دەسلەپكى كۈنلەردە تاماقتىن، ياتاقتىن قىسىلىپ نەچچە كۈن ئۆتكۈزدۇق. تىلسىزلىقنىڭ، ساۋاتسىزلىقنىڭ دەردىدە كۆپ قىينالدۇق. دەسلىپىدە كۆرمىگەن كۈنىمىز قالمىدى ئاخىرىدا تۇرۇشلۇق ئورنىمىزدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن، ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئىش تاپتۇق. مۇراتنى بىر لوبەنگە ھەمراھ قىلىپ قويغان. ئىككىمىز شۇ كۈنى ئايرىلىپ مەن باشقا يەرگە كەتتىم. ئىككى بۇرادىرىمىزمۇ باشقا بىر يەرگە ئىشقا تۇتۇلدى، نېرى بېرىشنى ئويلىمايلا قوشۇلدۇق، چۈنكى بىز ئىشقا چىققانغا خوش ئىدۇق، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئىككىمىز قەتىي ئالاقە قىلالمىدۇق. ئىش بېسىمى ئېغىر بولغاچقا ئۇنى ئىزدەيدىغان ۋاقىتمۇ چىقمىدى، ھەم ئۇمۇ مېنى ئىزدىمىدى. كېيىن مەن ئىشلەۋاتقان زاۋۇتنىڭ ئىشى كاساتلىشىپ، ساختا مال ئىشلەپچىقارغان دەپ تاقىۋېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەن پۇلۇمنىمۇ ئالالماي يۈردۈم. كېيىن ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ ، قايتىپ كېلىشكە تۇتۇندۇم مۇراتنى كۆپ ئىزدىدىم ، شۇ يەردىكى تونۇشلارنى ئاخىرى تېپىپ… ئەزىزنىڭ بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بولۇپ سۆزدىن توختىدى، بىردەملىك سۈكۈت ئارىسىدا مۇنىرە چىدىماي ئېغىز ئاچتى:
—ھەر قانداق گەپ بولسا دەۋېرىڭ، مەن چىدىيالايمەن.— ئەمدى گەپ قىلماسلىقنىڭمۇ ئورنى قالمىغان ئىدى.
مۇراتنىڭ دېرىكىنى قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە قالغان جەنۇبلۇق بىر يىگىتنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ھاياجىنىمنى باسالماي، مۇراتنى سۈرۈشتۈردۈم. يىگىت مېنى تار، قاراڭغۇ بىر كوچىغا باشلاپ زەي باسقان بىر ئۆيگە كەلگەندە توختىدى.
—بۇ بىز بىللە تۇرغان ئۆي— دەپ سۆزنى باشلىدى.— مۇراتكام ئېسىل، بەك چىقىشقاق، ئوغۇل بالىچىلىقى بار، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ئىدى. ئۇنىڭدىن ھەممىمىز ھېيىقاتتۇق، بىر دەم ئالغان كۈنى غۇلجىلىق ئەنۋەر ئىسىملىك بالا، مەن، مۇراتكام ئۈچىمىز بازارغا چىقتۇق. ئۇ ئۆيدىكىلەرگە ھېچقانداق خەت خەۋەر يەتكۈزەلمىگەنلىكى، ئايالى بىلەن قىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرغانلىقىنى دەپ، ئۇلارغا بىرەر ئامال قىلىپ خەۋەر بەرمەكچى بولۇپ ماڭغان ئىدۇق. دوقمۇشتىن قايرىلىپ ئاچا يولغا كەلگەندە بىر توپ لۈكچەكنىڭ بىر كىچىك بالىنى بولۇشىچە ئۇرۇۋاتقاننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قالدۇق، مۇراتكام ئالدىراپلا توپنى يېرىپ بالىنى تارتتى، ئارىدىن بىر لۈكچەك قوپۇپ:
—ھوي كىم سەن؟— دەپ بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى.
—كۈپكۈندۈزدە كىچىككىنە بالىنى مۇشۇنداق ئۇرساڭ بولامدۇ، دېدى مۇراتكام.
—قانداق قىلساق ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، ئۇنى بىز سېتىۋالغان، سەن ئارىلاشماي يولۇڭغا ماڭ! بولمىسا ھارام تايىقىڭنى يەپ قالىسەن. بايامقى يۈزىدە تارتۇقى بار لۈكچەك قولىدىكى تۆمۈر كالتەكنى لىڭشىتىپ، مۇرات ئاكامنىڭ قولىدىكى بالىنى تارتتى. مۇراتكام ئۇنىڭ تۇمشۇقىغا بىرنى سېلىۋىدى، ئىش يوغىناپ كەتتى، ئۈچەيلەن بىر توپ لۈكچەكنىڭ تايىقىدا ھوشسىزلىنىپ ياتتۇق. بىر چاغدا قارىسام مۇراتكام قانسىراپ ياتاتتى …— يىگىتنىڭ ھېكايىسىنى تاماملاپ تۈگەتكەن ئەزىز ئۆزىنى باسالماي بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى، ئۇ چاماداننى ئېچىپ، بىر كىچىككىنە تۈگۈنچەكنىڭ ئالدى-دە، سۆزىنى تەسلىكتە داۋاملاشتۇردى،— مۇرات يەتتە يېرىمغىچە پىچاق يەپ، كۆپ قان چىقىپ قانسىراپ كەتكەچكە… كېتىپ قالغانىدى، بۇ ئۇنىڭ كىيىملىرى… ئەزىزنىڭ كۆزلىرىدە ياش يامغۇرى دولقۇنلاۋاتاتتى.…
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، قىزچاقنىڭ تۇرمۇش، ھاياتىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى. دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئاپىسىنى تۇيۇقسىزلا يىقىتتى. جاپا مۇشەققەتنىڭ دەردىدە ھالسىرىغان ئانا مېڭىگە قان چۈشكەنلىك سەۋەبى بىلەن شۇ يىقىلغانچە ئورنىدىن قايتا تۇرالمىدى. ئۇنىڭ بولسا ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ، بارلىق ئۈمىد-ئارزۇلىرى، ئالىي مەكتەپ خىيالى كۆپۈككە ئايلاندى، دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئاپىسىنىڭ يېتىقتا بولۇپ قېلىشى يەتمىگەندەك، دوختۇر ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالمايدىغانلىقى، ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ئوبدان كۈتۈۋېلىشنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا پەقەت دادىسىدىن قالغان بىر قۇر كىيىم بىلەن ئۈن تىۋىشسىز ياتقان ئاپىسىلا قالغانىدى .…
كۈنلەر شۇنداق داۋاملىشىۋاتاتتى .…
ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر بىرلەپ خوشلاشتى. ئۇ ئاپىسىغا قارىمىسا بولمايتتى. دادىسى ئاپىسىنى تاشلاپ كەتكەن تۇرسا، ئەمدى ئۇمۇ تاشلىۋەتسە… ئۇ چاقىرىق قەغىزىنى تۇتقان پېتى بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. ئۈمىدلىرى بارا-بارا يىراقلاپ كېتىۋاتقان قەلبى ئۈششۈگەن ياپراقتەك تىتىرەيتتى. ئۇنىڭ ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدى ئېسىنى يوقاتقان ئاپىسىدا يىراققا كەتكەن دادىسىنى كۈتۈشتىن قالغانىدى.
—دادام ئۆلمىدى ئۇ ھايات. ھەرگىز بىزنى تاشلاپ كەتمەيدۇ، ئۇ بىزگە ۋەدە بەرگەن، چۇقۇم قايتىپ كېلىدۇ .…
ئۇ دادىسىنىڭ چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا، ئاپىسىنىڭ دادىسى كەلسىلا چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
قىزچاقنىڭ ئاياغلاشماس خىياللىرى بارغانسېرى ئۇزىراپ، تىنىمسىز بىئارام قىلىۋاتقان ئۆتمۈش، ئەسلىمىلەر ئۇنىڭ قەددىنى ئېگىش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئۇنى ئاستا-ئاستا تۈگەشتۈرمەقچى بولغاندەك ئازابلىق ھەم ھەسرەتلىك داۋاملىشىۋاتاتتى.
ئۇنىڭ كۈنلىرى بولسا بىر خىل رىتىمدا ئۆتۈۋاتاتتى.
كۈنلەر كۈنلەرنى تۇغاتتى، ئاۋۇندۇراتتى…
ئۇ ئاشۇ كۈتۈشلىرى، ئاشۇ تۇرمۇش قاينىمى ئارىسىدا ئاجايىپ ئولۇغ خىياللارغا ھەمراھ ئىدى…
…….
قىز ئەمدىلا ئاپىسىنىڭ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇردى. كۈندە تۇخۇملارنى پىشۇرۇو بازاردا پۇل قىلىپ چىقاتتى. يازىچە قوشنا ھەم تۇغقانلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ ئېتىز-ئېرىقنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، تۇرمۇشتا خېلىلا پىشىپ قالغانىدى. بىردىنبىر ئۈمىدىنى ئاپىسىغا باغلىسا، يەنە ئۈنسىز ھالەتتە دادىسىنى كۈتۈۋاتاتتى.
ئۇ بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا تىجارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تاماق ئېتىشكە تۇتۇش قىلدى. كەچ كىرگەندە ئوچۇق ھاۋا بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ، ئارقىدىن يامغۇر سىمىلداپ يېغىشقا باشلىدى. ھەر قېتىم يامغۇر ياغسىلا قىزچاق مۇڭلىنىپ قالاتتى، دادىسى مۇشۇنداق يامغۇرلۇق كۈندە ئۇلاردىن يىراقلاپ كەتكەن ئەمەسمىدى….؟ قانداقتۇر بىر تۇيغۇ ئۇنىڭغا دادىسى يەنە مۇشۇنداق بىر كۈندە قايتىپ كېلىدىغاندەك ئىشەنچ بېرەتتى. يامغۇر بارغانسېرى ئاۋۇشقا باشلىدى. تۇرۇپ-تۇرۇپلا چاقماق چىقىپ كېتەتتى، چاقماقنىڭ كۆكۈچ نۇرلىرى تۈگۈلۈپ ياتقان ئانا-بالىنىڭ ۋىجىك تېنىنى، خارابلاشقان غېرىبانە بۇ ئۆينى تولۇق يورۇتىۋېتەتتى. ئۇ دادىسىنىڭ كىيىملىرىنى چىڭ قۇچاقلاپ ياتاتتى. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز دەرۋازا تاراقلاپ ئېچىلىپ كەتتى. قىز تىرىڭڭىدە ئورنىدىن چاچراپ تۇردى. ئۇ ھېچقاچان دەرۋازىنى تاقاپ قويمايتتى. دادىسىنى سىرتتا ئۇزاق تۇرغۇزۇشنى ئەسلا خالىمايتتى… بوران چىقىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ياق، ياق، چوقۇم دادام… ئۇ ئالدىراپ چاپىنىنى كىيىپ. سىرتقا قاراپ ماڭدى. دەرۋازا ھاڭقىرغاي ئوچۇق تۇراتتى. تۇمان ۋە يامغۇرنىڭ دەستىدىن كۆزنى يۇغان ئاچقىلى، يىراقتىكى نەرسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى. قىزچاقنىڭ كۆزىگە دادىسى غىل-پاللا كۆرۈنۈپ قالدى… ئەمما دادىسى سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتاتتى…
—دادا، دادا!!!… توختاڭ دادا!!!…
ئۇ دادىسىنى بار ئاۋازى بىلەن چاقىرىپ كەينىدن ئەگەشتى. ئەمما، چوڭ يولغا باشلاپ كېتدىىغان تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە دادىسىنىڭ سىيماسى يىتىپ كەتتى… دوقمۇشتا تەكشى چۈشۈۋاتقان يامغۇردىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى. قارىيىپ تۇرغان دەرەخلەر يامغۇر سۈيىدە خۇددى جانسىز ئەرۋاھلاردەك شۈمشىيىپ كەتكەنىدى… قىز تېڭىرقاپ قالدى، كۆزلىرى قانداقتۇر بىر خىل تەشنالىق ئىچىدە ئوت بولۇپ ياناتتى… «دادىسى» تۇيۇقسىز چوڭ يولدا يەنە پەيدا بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇ قىزىنى كۆرمىدى، قانداقتۇر بىر جىددى ئىشى باردەك ئالدىغا قاراپ شامالدەك تېز كېتىۋاتاتتى.
—دادا! دادا!!!… توختاڭ دادا!!!…
قىزچاق يەنە جان-جەھلى بىلەن دادىسىنى توۋلىدى. كۈچلۈك چېقىلغان چاقماق قىزچاقنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى. دادىسى قىزىنى يەنىلا كۆرمىدى، ئاۋازىنى ئاڭلىمىدى، ئالدىغا قاراپ كېتىۋەردى… قىزچاق دادىسىنىڭ كېتىشىگە ئەمدى يول قويسا بولمايتتى. شۇڭا ئىز بېسىپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. يامغۇر تاراسلاپ چۈشۈپ، قىزچاقنىڭ ياشلىرىنى يۇياتتتى. ئۇ دادىسىنىڭ چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا، ئۆزىنى كۆرۈپ، ئاۋازىنى ئاڭلايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
—بىر ئادەمنى سوقۇۋەتتىڭمۇ نېمە؟
—ياقەي… مەن بىلمىدىمغۇ؟ ئۇنداق ئىش يوقتۇ؟… ماشىنا ھېچ سىلكىنمىدى.
—ماشىنىنى توختىتىپ، قاراپ باقامسەن-يا؟
—ۋاي، بولدى قىلە… بۇ قاتتىق يامغۇردا نېمە بوپتىكەن پەسكە چۈشۈپ؟… مەن ئادەم سوقمىدىم، ساڭا شۇنداق تۇيۇلۇپتۇ.
—ئەمسە ھېلىقى ناخشاڭنى قويغىنە.
—ھە…
چوڭ يولدا شەھەرگە قاراپ كېتىۋاتقان يۈك ماشىنىسىدىكى ئىككى ئادەم شۇنداق دېيىشىپ قالدى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئاياغلاشقىچە ماشىنا كىچىك بازاردىن، يامغۇر ئايلانغان قىزچاقتىن خېلىلا ئۇزاپ كەتتى…
تۇرۇپلا يامغۇرنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتتى. قىپقىزىل يامغۇرغا چىلىنىپ ياتقان قىزچاق دادىسى يىتىپ كەتكەن چوڭ يولغا ھېلىمۇ تەلمۈرۈپ، ئاداققى بىر تەشنالىق بىلەن قاراپ ياتاتتى.
يامغۇر تېخىمۇ ئەدەپ، تېخىمۇ قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى…